باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2017.03.08 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا لى شى، چېن چيۇفا، تاڭ فۇپىڭ، شۈ چياڭ، چېن شيۇيەن، ۋاڭ شياۋجيۇ، فېڭ يۈپىڭ قاتارلىق يەتتە ۋەكىل لياۋنىڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېزا ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە خاتىرىلىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئاخىرىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ لياۋنىڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات −− لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى. شۇڭا ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى تۇتۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، لياۋنىڭنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، بەلنى چىڭ باغلاپ، لياۋنىڭنىڭ سانائىتىنى گۈللەندۈرۈپ، لياۋنىڭنىڭ سانائىتىدە يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. مەيلى ئىقتىساد قاچانغىچە تەرەققىي قىلسۇن، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. لياۋنىڭدىكى كونا سانائەت بازىسى ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن بولۇپ، يېڭى نۆۋەتلىك گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتتىمۇ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىشى كېرەك. شۇڭا كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، سىجىل رىقابەت كۈچى ۋە تىرەش كۈچىگە ئىگە سانائەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى كەسىپلەر ۋە ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت كەسپى ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئۇچۇرلىشىش بىلەن سانائەتلىشىش چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ھەربىي ۋە خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىدىغان قۇرۇلمىلىق يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنى لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلامچىسى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كارخانا پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئېقىپ كېتىش ھەم زور خەتەرلىك ۋەقەلەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كادىرلار ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر رايوندا سىياسەت راۋان، ئەل ئىناق، تىنچ-تەرتىپلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بولۇشى كېرەك. سىياسىي ئېكولوگىيە بۇلغانسا، ھوقۇق تەمەسىدە يۈرۈش، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش، گۇرۇھ بولۇۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىش، شايكا توپلاش، گۇرۇھۋازلىق قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر پەيدا بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ئاساسىنى چىرىتىدۇ. شۇڭا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا خاھىشلارنى چوڭقۇر تۈزەپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ھەقىقىي سادىق، دۇرۇس ئىش قىلىدىغان پاك كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سىياسىي مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، سىياسىي قارىشى، قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى، ئاممىۋى قارىشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەلرايىنى كۆزىتىپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا تىرىشىپ جاۋاب قايتۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر