باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە بەش يىل ئىچىدە A4 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونىلىرىنىڭ ھەقسىز سىمسىز تور بىلەن قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2017.03.08 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-مارت دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، «<13-بەش يىللىق> مەملىكەت بويىچە ساياھەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى» رەسمىي ئېلان قىلىندى. يىرىك پىلاندا، 2020–يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە A4 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەقسىز سىمسىز تور، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت يېتەكچىسى، ئېلېكترونلۇق چۈشەندۈرگۈچى، توردا زاكاس قىلىش، ئۇچۇر يوللاش قاتارلىقلار بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىلانغا ئاساسەن، 2020–يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ «بۇلۇت، تور، نۇقتا» ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ساھەلەردە ئىشلىتىلىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلىكنى رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ساياھەت ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ تور ماركېتىڭ ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، كەسىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ساياھەت ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت تايانچ كەسىپلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ.

  يىرىك پىلاندا 2020-يىلىغا بارغاندا، ساياھەتچىلىكنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ تۆت چوڭ كونكرېت مىقدارلاشقان نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا A4 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ھەقسىز سىمسىز تور قاتارلىقلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇش بىلەن بىللە، بارلىق ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى، ساياھەت كېمىلىرى ۋە A4 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئادەم ئېقىمى مەركەزلەشكەن رايونلار، مۇھىتى نازۇك رايونلار، ساياھەت خەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ۋە جايلاردا كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش، كىشىلەرنى نازارەت قىلىش، ئورۇنلارنى نازارەت قىلىش، مۇھىتنى نازارەت قىلىش-ئۆلچەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلىھەلەرنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ ھەمدە توردا ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىشنىڭ مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىككە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشتىكى نىسبىتى %15تىن ئاشۇرۇلىدۇ؛ توردىكى ساياھەت ئىستېمال چىقىمىنىڭ ساياھەت ئىستېمال چىقىمىدىكى نىسبىتى %20تىن ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر