شى جىنپىڭ 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى.
شى جىنپىڭ: لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى «تىك يار كەنتى»گە ئائىت خەۋەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم
باش شۇجى سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: تېلېۋىزوردىن لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى «تىك يار كەنتى»گە ئائىت خەۋەرنى، بولۇپمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم. يەرلىكنىڭ يېڭىدىن تۆمۈر شوتا ياسىغانلىقىنى بىلىپ، كۆڭلۈم بىر ئاز ئارامىغا چۈشتى. نۆۋەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە دەل جايىدا كۈچەش مۇھىم ھالقا بولۇپ، كۈچنى ئاساسىي قاتلامغا مۇجەسسەملەپ، بەزىلەرگە ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ: ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن نازۇك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك
شى جىنپىڭ سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: كۆپىنچە ۋاقىتتا كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەكىتلىگەن بولساقمۇ، لېكىن شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، قىسمەن جايلاردا ئائىلە ئىگىلىكى خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جېجياڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىرىدىكى نۇرغۇن يەرلەر تارقاق، پارچە-پۇرات بولۇپ، بەزى پەلەمپەي ئېتىزلار قالپاق ئېتىز دەپ ئاتىلىپ، چوڭلۇقى قالپاقچىلىك كېلىدىكەن. شۇڭا جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يېزا ئىگىلىكىنى ئىنچىكە، ياخشى قىلىشى كېرەك.
باش شۇجى لۇشەن ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ماختىدى
لۇڭشىڭ مەركىزىي مەكتىپىنىڭ كەڭرى، رەتلىك مەيدانى، يەر تەۋرەش مەركىزى چىڭلۇڭچاڭ كەنتىدىكى قاتار-قاتار رەتلىك سېلىنغان بىنالار، كەنت ئېغىزىدىكى مىننەتدارلىق تېشىغا يېزىلغان «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز» دېگەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان خەت، باش شۇجى ئەينى يىلى لۇشەن ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چېدىردا سۆيۈپ قويغان كىچىك دوست لو جۈنچېڭ لۇشەن ناھىيەلىك يەسلىدە خۇشال خۇرام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.... سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى خەنيۈەن كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، ۋەكىل لو يۈنليەن سۆز قىلغاندا، بۇ سۈرەتلەر بىلەن باش شۇجىغا ئاپەت رايونىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ سۈرەتلەرنى قولىغا ئېلىپ تەپسىلىي كۆرگەندىن كېيىن: كەنتىڭلارنىڭ قايتىدىن جانلىنىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم! دېدى.
سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى باش شۇجىغا خادا، چياڭزۇ قىزىل شارپىسى تەقدىم قىلىپ، گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى
باش شۇجى شى جىنپىڭ 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، مىللىيچە كىيىنگەن زاڭزۇ، يىزۇ مىللىتى، چياڭزۇ مىللىتى ۋەكىللىرى باش شۇجىدىن تىنچلىق سورىدى. زاڭزۇ، چياڭزۇ مىللىتى ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپئاق خادا ۋە قىپقىزىل چياڭزۇ شارپىسى ھەدىيە قىلىپ، باش شۇجىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللەپ ياشىنىشىنى تىلىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى