باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقا جايدا راسچوت قىلىش ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

2017.03.09 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر تورىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن ۋېيمىن مۇنداق دېدى: باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ ھەل قىلىنىدۇ.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى قەدەمدە، ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولىدىكەن. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى 30 ئۆلكىدە ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى كارتا ئارقىلىق راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىككىنچى قەدەمدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، باشقا جايدا پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  يىن ۋېيمىن: «ئاتا-ئانىسى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئۇلارنى پەرزەنتلىرى خىزمەت قىلىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىۋالغانلار، باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى بىۋاستە راسچوت قىلالايدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، يۆتكەپ داۋالاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق خادىملارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ»، دېدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت داۋالىنىش ھەققىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىش سىستېمىسى 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. سىناقتا ئىشلىتىلگەن جەرياندا ، 15 ئۆلكە بۇ سىستېمىنى تۇتاشتۇرۇپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشقا باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر