باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونۇم رايونىمىزدا توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك كەسپىگە 72 مىليارت مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ سېلىنمىسى سېلىش پىلانلاندى

100 مىڭ ئادەم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدۇ

2017.03.09 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7-مارت ئېچىلغان ئاپتونۇم رايونلۇق توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، بۇ يىل ئاپتونۇم رايونىمىز ياخشى بولۇۋاتقان كەسىپ تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسىپلەرنىڭ رايونىمىزغا يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك كەسپىگە 72 مىليارت مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ سېلىنمىسى سېلىش ۋە 100 مىڭ ئادەمنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونۇم رايونىمىز كونا ۋە ئارقىدا قالغان رەخ توقۇمىچىلىق، ئىلمە توقۇلما، كەسىپلەرگە كېرەكلىك توقۇلما بۇيۇم ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنى نۇقتىلىق قىلىش ۋە كەسىپنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم كېچەك ئىختىساسلىقلار بازىسىنى قۇرۇپ چىقىش، ئوتتۇرا ئاسىيا مودا مەدەنىيەت ئېقىمى تەتقىقاتى ۋە سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، ئىلغار گۈل بېسىش ۋە بوياش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشكە ئوخشاش مۇھىم خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللىنىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر