باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلنى چىڭىتىش كېرەك

2017.03.10 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى جەزمەن چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش سۈپىتىنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلنى چىڭىتىش كېرەك.

  سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ، كەلگۈسىدە يەنە كۇرۇسلۇق مەھسۇلات ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

  ___ سىچۈەن ئۆلكىسى خۇيدۇڭ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ئىدارىسى، پەن-مائارىپ پونكىتىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل لى شۈ

  بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، سۇنەن يۈگۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىمۇ دېھقان-چارۋىچىلار ئۆزلىرى تارقاق باشقۇرۇشتىن كۆلەملەشكەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشقۇرۇش شەكلىگە ئۆزگىرىپ، يېڭى كەسىپ ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياخشى سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ___ گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۈگۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەزا خې يىڭچۈن

  كەنت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى كۆرسەتكەن يېزا ئىگىلىكنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى پەن-تېخنىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىنى زورايتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەبىئەتكە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈش، تەبىئىي ئاپەت خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېشىل، ئورگانىك، زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  ___ جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭشۇ شەھىرى مېڭلەن كەنتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل چيەن يۆباۋ

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر