خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 8- كۈنى، موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتقان ھەربىيلەر موسۇل شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدا ئىلگىرىلىمەكتە.
ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 8-مارت موسۇل شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ تۈرمىسى بولغان بەيدۇش تۈرمىسىنى قايتىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئالدىنقى كۈنى ئازاد قىلغان رايونلارنى تازىلىدى ھەمدە يولغا توساق قويۇپ، كېيىنكى قەدەمدە كونا شەھەر رايونىنى ئۈزۈل-كېسىل ئازاد قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئەمەلدارى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ئىگىلەپ تۇرغان %65 رايونىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ رەھبىرى ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ موسۇلدىن قېچىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى