باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يۇيۇنۇشتىكى بۇ بەش خاتالىقنى سادىر قىلماڭ

2017.03.09 09:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئامېرىكا «خاففىڭتون پوچتا گېزىتى»دا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، يۇيۇنۇش داۋامىدا ئاسان سادىر قىلىنىدىغان تۆۋەندىكىدەك بەش خاتالىقنىڭ سالامەتلىكىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

  بىرىنچى خاتالىق: مۇنچا لۆڭگىسى بىلەن بەدىنىنى سۈرتۈش.

  يۇيۇنغاندىن كېيىن تېرە بىر قەدەر يۇمران بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۇنچا لۆڭگىسى بىلەن ئۇياق-بۇياققا كۈچەپ بەدەننى سۈرتكەندە، ئۇ، تېرىگە ئاسانلا زىيان يەتكۈزىدۇ.

  توغرا ئۇسۇل: بەدەننى لۆڭگە بىلەن يېنىك ئۇرۇپ، سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈپ قۇرۇتۇش لازىم.

  ئىككىنچى خاتالىق: ئەتتىگەندە يۇيۇنۇش.

  ئەتىگنلىكى ئورۇندىن تۇرۇپ يۇيۇنۇپ، ئاندىن ئىشقا بارىدىغانلار ئاز ئەمەس، لېكىن ئەگەر ئەتىگەنلىك تاماقنىمۇ يېمەي يۇيۇنغاندا، ناھايىتى ئاسانلا قان شېكىرى تۆۋەنلەپ، باش قايىدۇ.

  تەكلىپ: ئەڭ ياخشىسى كەچتە يۇيۇنۇش كېرەك، كەچتە يۇيۇنغاندا ھەم تېرىدە بىر كۈن يىغىلىپ قالغان مىكروب ۋە چاڭ-توزانلارنى ئېقىتىۋەتكىلى بولىدۇ، يەنە بېسىمنىمۇ يېنىكلىتىدۇ.

  ئۈچىنچى خاتالىق: دائىم يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش.

  بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە نۇرغۇن خىمىيەلىك تەركىبلەر بار بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقتاردا ئىشلەتكەندە ئاسانلا تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىۋېتىدۇ، ھەتتا زىيادە سەزگۈرلۈك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بەدەن مەينەت بولمىسىلا، پەقەت پاكىز سۇ بىلەنلا يۇيۇنۇشقىمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر چوقۇم ئىشلىتىش كېرەك بولسا مىقدارىنى تىزگىنلەش كېرەك، ھەر قېتىمدا بىر يۈەن تەڭگە پۇل چوڭلۇقىدا بولسا بولىدۇ، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بەدەنگە نەملىك ساقلاش مېيى سۈركەش لازىم.

  تۆتىنچى خاتالىق: سۇ قانچە ئىسسىق بولسا شۇنچە ياخشى، دەپ قاراش.

  تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدە مۈڭگۈزلۈك قەۋەت ۋە ياغ پەردىسى قاتارلىق ئىككى قېتىم تەبىئىي مۇھاپىزەت قىلىدىغان قەۋىتى بار بولۇپ، ئۇ، تېرىنىڭ ئەڭ ياخشى «نەملىك ساقلىغۇچىسى» ھىسابلىنىدۇ. سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بۇ ئىككى قەۋەت پەردىنىڭ رولى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى، 45 سېلسىيە گرادۇس بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.

  بەشىنچى خاتالىق: يۇيۇنۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى، دەپ قاراش.

  يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئۇ، تېرىگە زىيانلىق، خۇددى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ كەتسە تېرىنىڭ مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتىنى زەخىملەندۈرگەنگە ئوخشاش، ئۇ، تېرىنى ئاسانلا قۇرغاقلاشتۇرۇپ، قىچىشتۇرىدۇ. يەنە ئاسان چارچاش، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا, يۇيۇنۇش ۋاقتىنى ئەڭ ياخشىسى 15 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش لازىم. بۇنىڭدىن سىرت, يۇيۇنۇش قېتىم سانى بەك يۇقىرى بولسا بولمايدۇ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم بولسا يېتەرلىك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر