باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جىنىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ كۆپ كۆرۈلىشى ئىككى ئۆزگۈرۈشچان مىقدارنىڭ تەسىرىدىن بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت تۈزەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى

2017.03.10 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى مېيدىيا مەركىزى ئۇنىۋېرسال زالىدا 10-مارت چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جىنىڭ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىپ «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش» قا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  چېن جىنىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ كۆپ كۆرۈلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاساسلىقى: بۇلغىمىنىڭ چىقىرىلىش مىقدارى ۋە ھاۋا رايى شارائىتىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆزگۈرۈشچان مىقدارنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

  چېن جىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھاۋا رايى شارائىتى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئامىل، يەنە كېلىپ كۈچلۈك دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھەر سائەت، ھەر كۈنى، ھەر ھەپتە، ھەر ئاي، ھەر يىلى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆزگۈرىدۇ. بۇ، بىر رايون مۇھىت سىغىمىنىڭ ھاۋا رايى شارائىتىغا قاراپ ئۆزگۈرۈپ، قىش پەسلىدە تۇراقلىق ھاۋا شارائىتىنى تېخىمۇ ئاسان شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، شۇڭا قىش پەسلىدە مۇھىت سىغىمىنىڭ تۆۋەنرەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قىشتا ھەممە ئادەم ئىسسىنىشقا مۇھتاج بولغاچقا، بۇلغىمىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى كۆپىيىدۇ، بىرىنىڭ ئازايتىلىپ، بىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى قىش پەسلىدىكى ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ كۆپ كۆرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىنى ئادەم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئامىل. مۇھىت ئاسراش خىزمىتىمىزنىڭ نىشانى: ئادەم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇشۇ بۇلغىمىنىڭ چىقىرىلىش مىقدارىنى ئەڭ كىچىك مۇھىت سىغىمىغا توغرا كېلىدىغان چىقىرىش مىقدارىغا چۈشۈرگەندىلا، ئاندىن ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئازايتقىلى، ھەتتا تۈگەتكىلى بولىدۇ. چېن جىنىڭ نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارنىڭ تۈزەش يولىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئادەتتە مۇھىت مەسىلىسى قىسقىغىنا ئىككى، ئۈچ يىلدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان، خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغان مەسىلە، شۇڭا مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، دولقۇنلۇق رولىنى ئوينايدىغان بۇ ھاۋا رايى شارائىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىنىمىزدىلا، ئاندىن قوللانغان تەدبىرىمىزنىڭ توغرا-خاتالىقى، سالمىقىنىڭ يېتەرلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلەلەيمىز، بۇ، ئىنتايىن مۇھىم بىر خىزمەت ئۇسۇلى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر