- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
20 مەنزىرە رايونى A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۈچ مەنزىرە رايونىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
2017.03.10 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت ساياھەت بايلىقىنى پىلانلاش-ئېچىش سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى باھالاش ئارقىلىق، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئارىشاڭ چەيخې دەرياسى مەنزىرە رايونى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرى لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى مۇدەنجياڭ شەھىرى جىڭبو كۆلى مەنزىرە رايونى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرى يولۋاس قىرغىقى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى، يولۋاس قىرغىقى قۇتۇپ سارىيى قاتارلىق ئۈچ A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. بۇ، A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنىڭ تۇراقلىق ھالەتكە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر