باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدا توختالدى

ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ يادروسى خەلقنى قوغداش

2017.03.10 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن مېيدىيا مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ رۇڭشۈن، مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ ئەنبياۋ، جىنايى ئىشلار قانۇنى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ئەيلى «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى لايىھەسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن خىزمىتى» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ يۈرگۈزۈلىدۇ

  جاڭ رۇڭشۈن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ يادروسى خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، لايىھەدىكى بەلگىلىمىلەر ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ يۈرگۈزۈلىدۇ»، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى لايىھەسىدە ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلدى.

  لايىھەدە، ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى بەزى ئاجىز ھالقىلار بويىچە قاراتمىلىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى. مەسىلەن: ھامىلىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمە كۆپەيتىلىپ، ئائىلە ھامىي بولۇشنى ئاساس، جەمئىيەت ھامىي بولۇشنى قوشۇمچە، دۆلەت ھامىي بولۇشنى كاپالەت قىلغان ھامىيلىق تۈزۈمى بەرپا قىلىندى. بۇ بىر يۈرۈش ھامىيلىق تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسەت: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشتىن ئىبارەت.

  لايىھەدە يەنە دەۋا سۈرىكى ئەسلىدىكى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلىپ، ھەقدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى تېخىمۇ ياخشى قوغدالدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىككە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىكى تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى دەۋا سۈرۈكىنىڭ بېكىتىلىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ 18 ياشقا توشقان كۈندىن باشلاپ، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئەدلىيەلىك ياردەم پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىنىشى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈندۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر