باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى يۇقىرى چېكىنى 20 يىلغا كۆتۈرۈش تەكلىپى بەردى

2017.03.10 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جىنايى جاۋابكارلىق بىلەن جازا ماس كېلىش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇددەتلىك قاماق جازاسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە ئالاقىدار ماددىلارنى تەڭشەش تەكلىپى بېرىمىز». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خېنەن ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى سەي نىڭ، پېي چۈنلياڭ، سوڭ فېڭنيەن قاتارلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 30 ۋەكىلى بىرلىشىپ تەكلىپ سۇنۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇددەتلىك قاماق جازاسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى 15 يىلدىن 20 يىلغا تەڭشەش تەكلىپى بەردى.

  ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 45-ماددىسىدا، «مۇددەتلىك قاماق جازاسىنىڭ مۇددىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 50-ماددىسى، 69-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىن سىرت، ئالتە ئايدىن يۇقىرى، 15 يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ»، دەپ بەلگىلەنگەن. سەي نىڭ: ھازىرقى مۇددەتلىك قاماق جازاسىنىڭ يۇقىرى چېكى بىرئاز تۆۋەن، بۇنىڭ بىلەن، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقى بەك چوڭ بولۇپ كېتىپ، مۇۋاپىق ئۇلىنىشقا ئامالسىز بولۇپ، بەزى جىنايى قىلمىشلارغا قارىتا توغرا جازا ئۆلچەشكە تەسىر يەتكۈزمەكتە، دېدى.

  سەي نىڭ: «ئەمەلىيەت داۋامىدا، بەزى يەككە جىنايەتلەرگە 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىر قەدەر يېنىك بولۇپ قالىدۇ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسا سەل ئېغىر كېتىدۇ، بىراق 15 يىلدىن يۇقىرى، 20 يىلدىن تۆۋەن جازا بەلگىلەش لايىھەسى كەمچىل بولغاچقا، پەقەت تۆۋەنلىتىپ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىۋاتىدۇ، ياكى يۇقىرىلىتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جىنايەت بىلەن جازا لايىق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر