باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدىكى ئالىملار گرافىتېن ئالكېن سۈنئىي كېكىردەك كەشىپ قىلدى

2017.03.09 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گىرافىت ئالكېن مېگافون مۇخەسسەم بولۇپ، گاس-گاچىلارنىڭ «ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلىشى»غا ياردەم بېرەلەيدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مىكرو ئېلېكتىرونىكا تەتقىقات ئورنىدىكى رېن تيەنلىڭ پىروفېسسورنىڭ تېما گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان «ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىرافىت ئالكېن»، كەلگۈسىدە گاس-گاچىلارنىڭ «ئېغىز ئېچىش» قېيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلىدى.

  بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، رېن تيەنلىڭنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى «تەبىئەت خەۋەرلىرى»دە «ئاۋاز سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق گرافىتېن ئالكېن سۈنئىي كېكىردەك» تېمىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ، كۆپ تۆشۈكلۈك گرافىتېن ئالكېن ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئەۋزەللىكى بويىچە قوبۇل قىلىش-تارقىتىش ئىقتىدارى بار بولغان، ھەمدە تاقاپ يۈرۈشكە ماس كېلىشتەك ئەۋزەللىكلىرىمۇ بار بولغان، توپلاشتۇرۇلغان ئاكۇستىكىلىق بىر خىل دېتال بولۇپ، ئۇ پىروفېسسور ئۇنى ياساپ چىقىقماقچى بولغانلىقىنى سۆزلىگەن. «سۈنئىي كېكىردەك»نى تاقىغان كىشى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىغاندا، سۈنئىي كېكىردەك ئەسلىدىكى تەبىئىي كېكىردەكنىڭ تەۋرىنىش ھالىتىنى سىزىدىكەن، ھەمدە ئالدىن بېكىتىلگەن ئاۋازنى چىقىرالايدىكەن، بۇنى تاقىغان كىشى تۆۋەن ئاۋازدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە ئاھاڭىنى ئالماشتۇرغاندا، سۈنئىي كېكىردەكتىن چىققان ئاۋازمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىرافىت ئالكېن سۈنئىي كېكىردەك ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭنى پەرقلەندۈرگەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭغا ئاۋازنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، چىرقىراق ئاۋازلار ۋە يۆتەل ئاۋازى قاتارلىق ئاۋازلارغا قاراپ ھەر خىل تىترەپ ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى گاس-گاچىلارنىڭ «تىلى»نى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئىقتىدارلىرىمۇ قوشۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق، تاۋۇش ۋە ئاھاڭنى تىزىپ بىرىكتۈرۈشنى ۋە گاس-گاچىلارنىڭ تېخىمۇ مول بولغان سۆزلەرنى قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر