باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2017.03.10 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لۇ چىنجيەن، خۇ خېپىڭ، ياڭ فېڭچى قاتارلىق ۋەكىللەر قىزغىن سۆز قىلدى. لى كېچياڭ ئالدى بىلەن ئۆتكەن بىر يىلدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەنشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. شەنشىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تىرىشىپ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شەنشى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى پەللىسىنى ئالدىن ئىگىلەپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈنلۈك رولىنى ياخشى قىلدۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، پاراسەتلىك-جاسارەتلىك بولۇپ، غەربىي رايوننىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يېڭى-كونا ئېنېرگىيەنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، سەرخىل جابدۇق ياساش، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇل ئەسلىھە، مائارىپ، سەھىيە، ئېكولوگىيە جەھەتلەردىكى خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى، بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي رايونلار، شەنشى چىنبا تاغلىق رايونىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر