باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 39 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى

2017.03.10 14:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 39 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، شۇجى چېن چۈەنگونىڭ سۆزى ۋە تەلىپى يەتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزىلار ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكىلى بولمايدۇ» دېگەن مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ «2020 - يىلىغىچە <ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچكە كاپالەتلەندۈرۈش> ۋە <ئىككىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش>نى مۇقىم ئەمەلگە ئاشۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ھەر مىللەت نامرات ئاممىنىڭ ۋاقتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش؛ «بەش بىر تۈركۈم» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، سىياسەتنى دەل جايىدا ھەقىقىي يولغا قويۇش، دەل نۇقتىسىنى تېپىپ يۆلەش، يىلتىزىدىن يۆلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئامما ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىدىغان، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش؛ «تۆت ھەقىقىي» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىدىيە ۋە تونۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان روھ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا بولغان ئىشەنچ ۋە غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 35 نامرات ناھىيە(شەھەر) مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، دەل جايىدا ياردەم بېرىپ يۆلەش، سىياسەت جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىش، مەبلەغ سېلىش، كەسىپ ئارقىلىق يېتەكلەش، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەت ياردەم بېرىپ يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق يۆلەش، ئامما قاتنىشىش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشكەن - ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى ۋە بۇ جەھەتتە ياخشى ئويلىنىشى، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، «بەش بىر تۈركۈم» تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى دەرھال تۈزىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي نەق جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىغا ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، 35 نامرات ناھىيە(شەھەر)نىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم نازارەت، ئىدارە، كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر