باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن يۈز نەپەر قاچقۇن»دىن ۋاڭ جياجې ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

2000- يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن

2017.03.10 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017- يىلى 9- مارت، مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ۋە ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ھەمدە لياۋنىڭ ئۆلكىسى قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، «تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن يۈز نەپەر قاچقۇن»دىن 40- نومۇرلۇق ۋاڭ جىياجې ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. بۇ، « ئاسماندا تور 2017» ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان قولغا ئېلىنغان تۇنجى «تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن يۈز نەپەر قاچقۇن»نىڭ بىرى. ھازىرغا قەدەر، «تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن يۈز نەپەر قاچقۇن» تىزىملىكى قاچقۇنلىرىدىن 39ى قايتۇرۇپ كېلىندى.

  ۋاڭ جىياجې، ئەر، 1961- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ گېزىت خانىسىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەتچى خادىمى، توختامنامە ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق، 2000- يىلى 1- ئايدا ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى نومۇرى A-7035/11-2011.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر