خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن پولات نىياز خەۋىرى) 2-مارت چۈشتىن بۇرۇن، چەرچەن ناھىيەسى چاۋالدۆڭ مەكتىپىدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چېن مىڭ سودا چەكلىك شىركىتى چەرچەن شۆبە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى تيەنلىن بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تۇرسۇنگۈل ساۋۇر، ۋاڭ نا قاتارلىق يەتتە ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ماتېرىياللىرى سوۋغا قىلدى. لى تيەنلىن ئۆزى ياردەم قىلغان ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگۈچە بولغان ئوقۇش جەريانىدىكى ئوقۇش ماتېرىياللىرى ۋە مەكتەپكە كېتىدىغان خىراجەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى