باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى:

مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.03.10 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىرلىشىپ تارقاتقان «مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)دا مۇنۇلار ئېنىق دېيىلگەن: مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسى ۋە ۋاقتىنى ئېنىق قىلىش، يەنى مەكتەپلەر دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە مەيدانلىرىنى ئېچىۋېتىش، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى پائال شارائىت يارىتىپ، تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش، پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش دېگەنلەرگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  مەزكۇر «پىكىر»گە ئاساسەن، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ئوقۇتۇش ۋاقتى ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋاقتىدىن سىرتتىكى ۋاقىتلاردا ئېچىۋېتىش كېرەك. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن ئېچىۋېتىش، ھەمدە مەكتەپ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە بۆلەكنى ئالدىن كېلىشىپ ئېچىۋېتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك. مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش ۋاقتى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى ۋە ئۆگىنىش ۋاقتى بىلەن مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان ئاساستا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى، ھەمدە قىشلىق-يازلىق تەتىل مەزگىللىرىدە، مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر