سۈرەتتە: 5- مارت، مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مەرھابا مۇھەممەد خەلق سارىيىدا 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ باشلىنىش يىغىنى ئۈچۈن ئەگەشمە تەرجىمە قىلىشقا قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن تەشكىللىگەن مىللىي تىل-يېزىق تەرجىمە گۇرۇپپىسى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ كاتىبات باشقارمىسىدا، مەزكۇر يىغىندىكى مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى: موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن، يىزۇ، جۇاڭزۇ قاتارلىق يەتتە ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى قۇرۇلتاي ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش؛ يەتتە ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى يىغىن ھۆججەتلىرىنىڭ بېسىلىشىغا مەسئۇل بۇلۇش؛ ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلگەندە، نەق مەيداندا باشتىن ئاخىر ئەگەشمە تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشىس؛ بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، گۇئاڭشى، سىچۈەن، شىزاڭ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلەردىكى تاراتقۇلارنى يىغىندىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ مىللىي يېزىقتىكى تەرجىمە ماقالىلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى