- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىتالىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى چوڭ كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئىككى ئادەم ئۆلدى
2017.03.10 16:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمدىكى شەھەر ئانكوناغا يېقىن بولغان بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا چوڭ كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دېيىشىچە، ھادىسىسىدە ئىككى ئادەم قازا قىلغان.
ئىتالىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ۋەقە كۆۋرۈكنى تىرەپ تۇرۇش ۋاقىتلىق قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ ۋاقىتتا، بۇ كۆۋرۈكتە دەل ئاسراش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، شۇ قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن بۇ كۆۋرۈكنى ئىشلىتىش توختىتىلغان ئىكەن.
ئۆلگۈچىلەر يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بولۇپ، يەنە ئىككى نەپەر رومىنىيەلىك ئىشچىمۇ يارىلانغان ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر