- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ئامېرىكىنىڭ 2016- يىلىدىكى ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسى» ۋە « ئامېرىكىنىڭ 2016- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىشلار خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى
2017.03.10 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9- مارت «ئامېرىكىنىڭ 2016- يىلىدىكى ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسى» ۋە « ئامېرىكىنىڭ 2016- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىشلار خاتىرىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئېلان قىلغان «قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق دوكلاتى»غا ئىنكاس قايتۇردى.
ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسىدە مۇقەددىمە ۋە ھاياتلىق جىسمانىي ھوقۇقى ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش، سىياسىي ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىش، ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سېلىش، ئىرقىي كەمسىتىش بارغانسېرى ئەۋج ئېلىش، ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار ھوقۇقىنىڭ تېگىشلىك كاپالىتى كەمچىل بولۇش ۋە باشقا دۆلەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا قوپاللىق بىلەن دەخلى-تەرۇز قىلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى خاتىرىسى تەخمىنەن 16 مىڭ خەتتىن تەركىب تاپقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر