- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى، 14 ئەزا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى
2017.03.11 15:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 10-مارت چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. 14 ئەزا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى خەن چىدې، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جيارۇي، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا بولۇپ، يىغىنغا چېن شياۋگۇاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چىباۋ ، شۇنداقلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر