باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىككى قىرغاق ئالماشتۇرۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم»

__ 12ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا، تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنىدىن خاتىرە

2017.03.11 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ تەيۋەن زالى پانۇسلار بىلەن چىرايلىق بېزەلگەن، كىشىلەر قىزغىن ئىدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن نەچچە ئون ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئاپپاراتلىرىنى ئېچىۋېتىش كۈنى ئۆتكۈزگەن تەيۋەن ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە توغرىلىدى.

  ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىلىرى لايىھەسى قاتارلىق قارالمىلارنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 13 نەپەر ۋەكىلى كوللېكتىپ زىيارەتنى قوبۇل قىلدى.

  ۋەكىللەر چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان سىياسەتلىرى، تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىككى قىرغاقنىڭ ئەلئارا ئالماشتۇرۇشى، تەيۋەنلىك ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، قىزغىن كەيپىياتتا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى توغرىسدىكى شەرھلەرگە قارىتا، ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل چېن چىڭخەي مۇنداق دەپ قارىدى: دوكلاتتا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ «92-يىلى ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى. بۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قىلىنغان قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. دوكلاتتا «تىنچلىق» كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيىتى ئاستىدا، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ۋەتەننى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ زور سەمىمىيىتى نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر