باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ۋەسىقىلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2017.03.11 14:06   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ۋەسىقىلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدىن ئابدۇمىجىت ئابدۇللا خەۋىرى) دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش-تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى، ج ك پ بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو مىللەتلەر كۈتۈپخانىسى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى كۆرگەزمىخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ۋەسىقىلىرى كۆرگەزمىسى» 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىنىڭ جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش − تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شاۋدۇڭ، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر گەن يۈگۇي، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ شىڭكۇي، ج ك پ بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شۆمېي قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ گۇيبياۋ رىياسەتچىلىك قىلدى،

  بۇ قىتىمقى كۆرگەزمە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىش، تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىنلارغا مول مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىنى ئۆزى كۈچەيتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق پائالىيەت.

  ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى — جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق بايلىقى، ھەر قايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆزگىچە ھەم مۇھىم تۆھپە قوشقان.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىققا ئەھمىيەت بىرىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن قۇتقۇزدى ۋە قوغدىدى. 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىن جەمئىي 39 تۈرلۈك مىراس ب د ت مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى تۈردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تۈردىن 14ى بار.

  بۇ كۆرگەزمىدە دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقام سەنئىتى، موڭغۇللارنىڭ ئۇرتىندۇ خەلق ناخشىسى، لىزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكى، چياڭزۇلارنىڭ يېڭى يىلى، چاۋشيەن مىللىتىنىڭ دېھقانلار شادلىقى ئۇسسۇلى، زاڭزۇلارنىڭ تىياتىرى، رېگۇڭ سەنئىتى، خۇمەي، ماناس، گېسار، دۇڭزۇلارنىڭ چوڭ ناخشىسى، خۇار، مەشرەپ، خېجېلارنىڭ ئىماكەن قاتارلىق 14 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، 20 نەچچە پارچە رەسىم، 300 نەچچە پارچە ھەر خىل يېزىقتىكى كىتاب ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سىن ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ھاياتى بېيىتىلدى.

  كۆرگەزمە 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمە مەزگىلىدە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك 
    ·ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «شىنجاڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم سىنىپى» تەسىس قىلىش تەكلىپىنى سۇ…
    ·لى پېڭشىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشق…
    ·مالىيە مىنىستىرلىقى: شەھەرلەردىكى ئىشلەمچىلەر بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتى «ئا…
    ·جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى «خەتتاتلىق سىنىپى» پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كوللېكتىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ياكى «دەرس تولۇقلا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مائارىپنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى جۇڭخۇانىڭ ئېسىل…
    ·1 مىليون 290 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
    ·ئېلىمىز دۇنيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدى…
    ·دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالدىن ئىلتىماس قىلىش» نى بۇ يىل مەملىكەت ب…