- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دوڭگۇەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلدى
2017.03.11 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا، دوڭگۇەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلدى.
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ جيەنياڭ ئىلگىرى دوڭگۇەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، دوڭگۇەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر