باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ھەپتىدە ئىككى لېكسىيە» ئاممىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى

2017.03.11 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر، ئايجامال ئابدۇرېشىت خەۋىرى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى، شەھەرلىك پارتىيە مەكتىپىدىن ئاقسۇ شەھىرى قىزىلكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر توقاي مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە، تەۋەلىكىدىكى ئاممىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، بېيىش يولىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن، «ھەپتىدە ئىككى لېكسىيە» پائالىيىتىنى ئارقىلىق، تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈم، يىغىن روھى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىشنى پىلانغا ئالغان بولۇپ، پىلان بويىچە، 7-مارت چۈشتىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىملىق لېكسىيە پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

  توقاي مەھەللىسى 8-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى يولداش تۇخان ئابلا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى لېكسىيە ناھايىتى مەزمۇنلۇق بولدى. لېكسىيە ئارقىلىق جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىنىڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئېچىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق... بۈگۈنكى لېكسىيە پائالىيىتى ئارقىلىق، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پەرزەنت تەربىيەسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قانداق قوغداش، مەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلىشىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ئاشتى، قانۇن-تۈزۈم كۆز قارىشىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە كۆز قارىشىمىز ئېنىق بولدى. خىزمەت ئەترىتى بىزگە ھەر ھەپتىنىڭ 1-كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى پائالىيىتى ۋە ھەپتىنىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى نەزەرىيە تەشۋىقاتى كۈنىدىن پايدىلىنىپ، مەزمۇنى مول، شەكلى ھەرخىل بولغان لېكسىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ بىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت. بىز ئۆگىنىش-تەربىيەلەش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىمىزنى قانۇن ئارقىلىق قوراللاندۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار بىلەن ئاداقىچە كۈرەش قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىمىزدەك ئاسراپ، رايونىمىزنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشىمىز .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر