باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ بىنجيې يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشنىڭ جەمئىيەت ئورتاق تۈزەيدىغان ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى

2017.03.11 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن-تېخنىكا، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى، تەنتەربىيە، سەھىيە، مەەدنىيەت، رادىئو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ بىنجيې، ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ شېڭمىڭ، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى يىن جۇڭچىڭ، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى يۈەن شۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شيۇۋېن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات ئىدارىسىنىڭ كۈزەتكۈچىسى فۇ ۋېنجيې «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى» گە ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇلتۇر «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن-تېخنىكا، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى، تەنتەربىيە، سەھىيە، مەەدنىيەت، رادىئو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ بىنجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەندىن بۇيانقى ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۆپ يېڭىلىق يارىتىلغان قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش بولدى. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئېتىز-ئېرىق، تاماق ئۈستىلى، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش زاۋۇتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش بولدى. ليۇ بىنجيې مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىملىق قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشنىڭ جەمئىيەت ئورتاق تۈزەيدىغان ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  ليۇ بىنجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

  بىرىنچى، بۇ قانۇن زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ ئومۇملاشتۇرۇلدى. «يېمەكلىك قانۇنى» غا تۈزۈتىش كىرگۈزۈلۈپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتىن مەقسەت: بۇ قانۇننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش.

  ئىككىنچى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇششاق-چۈششەك يېمىكلىكلەر، كىچىك دۇكانلار، كىچىك يايما نۇقتىلىرى، جامائەت ئاشخانىلىرى قاتارلىق يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان كونكرېت ئورۇنلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى بۇ قانۇن بويىچە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  ليۇ بىنجيې مۇنداق دېدى: ئىگىلىشىمىزچە، يەرلىك ۋە ئالاقىدار تارماقلار 100 دىن ئارتۇق يانداش قانۇن-تۈزۈمنى يولغا قويغان بولۇپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىزگە تۈرتكە بولدى.

  ئۈچىنچى، ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك ئۆلچىمى مەسىلىسى، يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سوغۇق زەنجىر مەسىلىسى قاتارلىق بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىكنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش جەريانىدا تۈزۈملەشتۈرۈلمەسلىك ياكى نەقلەشتۈرۈلمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

  تۆتىنچى، باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىكى، ھازىر ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرى كۆپتەك بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيتتە يېمەكلىك تەكشۈرگۈچىلەر ئاز. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئاساسىي قاتلاملار يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ سانىنىڭ تولۇق بولۇشىغا جەزمەن كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئىشتات تارماقلىرى ۋە يەرلىك ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھالقىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

  بەشىنچى، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەممە ئادەمگە، ھەممە ئائىلىلەرگە، ھەممە كەسىپلەرگە ۋە دۆلەتنىڭ 20 نەچچە تارمىقىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ھازىر جەمئىيەت ئورتاق تۈزەش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈدى. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى نەچچە 10 تارماقنىڭ قاتنىشىشىنى ماسلاشتۇرۇپ، يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىشنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسى، يېزا ئىگىلىك، سۇچىلىق، ئورمانچىلىق تارماقلىرىدىن تارتىپ، پىششىقلاش، توشۇش جەريانى ۋە ئەڭ ئەخىرىدىكى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكىچە ئورتاق تۈزەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ساغلام، بىخەتەر، شەكسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش جەرياندىكى ھەر بىر ھالقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر