باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ ماۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«توردىن سېتىۋلغان ماللارنى قايتۇرىۋېتىشكە توغرا كەلسە يەتتە كۈن ئىچىدە شەرتسىز قايتۇرىۋېتىشكە بولۇش چارىسى» 15- مارتتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

مىنىستىرلارنىڭ ئىككى يىغىندىكى سۆزلىرى:

2017.03.12 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ ماۋ 10- مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «توردىن سېتىۋلغان ماللارنى قايتۇرىۋېتىشكە توغرا كەلسە يەتتە كۈن ئىچىدە شەرتسىز قايتۇرىۋېتىشكە بولۇش چارىسى» بۇ يىل 3- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  جاڭ ماۋ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «تور ھەرگىزمۇ قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس، بارلىق قانۇن-نىزاملىرىمىز تور سودىسىغا ماس كېلىدۇ، بىز توردىن مال سېتىۋلغانلارنىڭ مالنى قايتۇرىۋېتىش چارىلىرى ۋە ئۇنى ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىلىرى، جۈملىدىن «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» دېگەندەك قانۇن-نىزاملارنى مەخسۇس تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ قانۇن-نىزاملارنىڭ ھەممىسى توردا سودا قىلىدىغان سودىگەرلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بىز يەنە باشقا چارىلەرنىمۇ، يەنى توردىن مال سېتىۋالغاندا مالنى يەتتە كۈن ئىچىدە شەرتسىز قايتۇرىۋېتىشكە بولۇشقا ئائىت تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە تېخىمۇ كونكرېت چارىلەرنىمۇ مەخسۇس تۈزۈپ چىقتۇق».

  جاڭ ماۋ يەنە مۇنداق دېدى: توردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ قالدى. ئېلىمىزدىكى 700 مىليون تورداش ئىچىدە 470 مىليون كىشى توردىن مال سېتىۋېلىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى توردىن مال سېتىۋېلىش تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، تېز سۈرئەتتە ئاشقان ھەمدە بۇ خىل سودىنىڭ تىجارەت سوممىسى بەش تىرىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، بۇ، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %12.6نى ئىگىلىگەن.

  ئۇ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: مېنىڭچە تور ئىقتىسادى، بولۇپمۇ توردىن مال سېتىۋېلىش، ئەمەلىي ئىقتىساد ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئەمەلىيەتتە ماددىي بۇيۇم سېتىۋېلىش بولۇپ، ئۇ بىر يېڭى ئوبوروت ئۇسۇلىدۇر. ئۇ، ئىستېمالچىلار بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇردى. بۇ خىل يېڭى كەسىپ ھالىتى ئىستېمالچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر