باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

2017.03.11 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، ئاقسۇ شەھىرى قىزىلكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى .

  ئۆگىنىش ئاخىرىدا، «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكى ھەر بىر خادىم قانداق قىلغاندا «ئىككى يىغىن» روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قايسى ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك؟ قانداق قىلغاندا 2017-يىللىق «ئۈچ ئەل» خىزمىتى نىشانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ بىر يىلدا قايسى نىشانغا يېتىمىز ؟ ... دېگەن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئۆزىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەسى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. كۆپچىلىك بىردەك باش نىشاننى ئاساسىي مەۋقە، «ئىككى يىغىن» روھىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 2017-يىللىق «ئۈچ ئەل» خىزمىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىدىغانلىقىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر