باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقانلارنىڭ خالىس تەشۋىقاتچىسى

2017.03.11 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يەكەن ناھىيە مىشا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇرۇسۇل مەمەت خەۋىرى) يەكەن ناھىيەسى مىشا بازىرى ياغاچچىلار كەنتى 4-مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى توقسۇن توختىنى ھەممە كىشى بىردەك «بىزنىڭ خالىس تەشۋىقاتچىمىز» دەپ ماختىشىدۇ. بۇ يىل 65 ياشلارغا يېقىنلاپ قالغان توقسۇن توختى كىچىكىدىن تارتىپ كىتاب، گېزىت-ژۇرنال كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولۇپ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»، «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى»، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «بۈگۈنكى شىنجاڭ»، «ئىزدىنىش»، «پارتىيە ئەزالىرى دوستى» قاتارلىق 3000 پارچىدىن ئارتۇق پارتىيە گېزىت-ژۇرناللىرىنى يىغىپ ساقلىغاندىن باشقا، يەنە 1500 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ئەدەبىي كىتاب ۋە پەن-تېخنىكىغا دائىر كىتاب، ژۇرناللارنىمۇ يىغىپ ساقلىدى. ئۇ يەنە كەنتنىڭ خالىس تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، ئۆزى يىغىپ ساقلىغان كىتاب، گېزىت-ژۇرناللاردىن پايدىلىنىپ قەرەللىك تۈردە دېھقان-چارۋىچىلارغا پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى، قانۇن-تۈزۈملىرىنى خالىس تەشۋىق قىلىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىنىڭ يول تەرەپكە چىقىرىلغان قاتار دۇكانلار ئارىسىدىن 20 كىۋادرات مېتىرلىق بىر ئېغىز دۇكاننى كۆرسىتىپ، ماڭا مۇنداق دېدى:

  __ ئۆزۈم ئەينى چاغلاردا ياخشى ئوقۇيالمىغاچقا، بىلىمسىزلىكنىڭ، نادانلىقنىڭ دەردىنى تازا تارتقان ئىدىم. تۆت بالامنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملاردا ئوقۇتتۇم. ھازىر ئۇلارنىڭ قولى ئىشقا تەگدى. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بىلەن تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، داچا ئۆيلەرگە كۆچۈپ چىقىۋالدۇق، ھېچنېمىدىن غېمىمىز يوق. ئۆيىمىز بازارغا يېقىن، مەكتەپنىڭ ئالدىدا بولغاندىكىن، ئۆيۈمنىڭ چوڭ يول تەرىپىگە ماۋۇ تۆت ئېغىز دۇكاننى چىقىرىپ ئىجارىگە بەردىم. ماۋۇ بىر ئېغىز دۇكاننى باشقىلار ئىجارە ئالساق دەپ تالاشقانتى، بەرمەي كۇتۇپخانا قىلىشقا تەييارلاپ قويدۇم. ھازىر كىتاب ئىشكابى، شىرە-ئورۇندۇقنىڭ غېمىنى قىلىۋاتىمەن. ئۆزۈم يىغقان كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارنى ماۋۇ كۇتۇپخانىغا قويۇپ قويسام، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار خالىغان ۋاقىتتا كۆرەلەيدىكەن. ئاممىنىڭ قانۇن-تۈزۈم سەۋىيەسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن، ئۆزۈممۇ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ھەسسە قوشقان بولىدىكەنمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر