باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى، 14 ۋەكىل سىياسىي قۇرۇلۇش ۋە بىرلىك سەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى

2017.03.12 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 11-مارت چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. 14 ۋەكىل سىياسىي قۇرۇلۇش ۋە بىرلىك سەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى پابالا گېلىلاڭجې، لىن ۋېنيى، جاڭ چىڭلى، چېن يۈەن، ۋاڭ جېڭۋېي، چى شۈچۈن، ۋاڭ چىنمىن. ئىجرائىيە رەئىسى چېن يۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ سۆزلەنگەن سۆزنى ئاڭلىدى.

  جىلىن ئۆلكىسىدىكى ۋەكىل مۇنداق دېدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇتىڭى بېسىپ تارقاتقان «خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. تەشكىلىي مېخانىزم ۋە خىزمەت تەرتىپىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىللەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنىڭ پىلانلىق، تېمىلىق، ۋاسىتىلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ليۇ فەن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابى كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قىيىن باسقۇچقا كىرىپ،كەسىپ ھالقىغان مەمۇرىي رايونلارنى ئايرىش خەلق سوت مەھكىمىسى ئىسلاھاتىدا تۈزۈلمە جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، مەركىزىي كومىتېتى كەسىپ ھالقىغان مەمۇرىي رايونلارنى ئايرىش خەلق سوت مەھكىمىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىش نىشانى ۋە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئالاھىدە دېلو» لار ۋە كەسىپچانلىقى كۈچلۈكرەك دېلولارنى مەركەزلىك سوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك.

  ۋەكىل گاۋ يۇدۇڭ مۇنداق دېدى: بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىدا، «ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمەك ئاسان، ھوقۇقنى قوغداش قىيىن» بولۇش بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى يادرولۇق مەسىلىگە ئايلاندى، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىناۋىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزشلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» بېرىلسە.

  ۋەكىل ليۇ شياۋجۇاڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز خەلقىنىڭ تاماق ئۈستىلىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ساغلام يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشتە، ھۆكۈمەت «ياخشى قوغدىغۇچى» بولسا. خەلقنى ساغلام يېمەكلىكلەرنى يېيىش، بىخەتەر، خاتىرجەم يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مېخانىزم بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ساغلام تاماق ئۈستىلىنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى قىلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتسا، ياخشى تۇتسا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر