باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل، ئەزالار بېيجىڭدا چاي ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى چايغا قاتناشتى

2017.03.12 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقارغۇسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە، «خەلق» سارىيىدا چاي ئۆتكۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئەزالار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مىللىي رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ھال- ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىللىي رايونلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتتا يېڭى قەدەم بېسىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  «خەلق» سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ، كۈلكە سادالىرى ياڭراپ، قىزغىن تەنتەنىگە چۆمگەنىدى. لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە زالغا كىردى، ئۇلارنىڭ كىرىشى بىلەن يىغىن زالىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر كۈلۈمسىرىگىنىچە مىللىيچە كىيىنگەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى.

  شى جىنپىڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان لاسا شەھىرىنىڭ چېڭگۈەن رايونى ناجىن يېزىسى تاما كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى گېساڭ جوگا ھاياجانلانغان ھالدا «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» دەپ شى جىنپىڭدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭدىن شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. گېساڭ جوگا باش شۇجىغا: تاما كەنتى ئىلگىرى داڭقى بار نامرات كەنت ئىدى، ھازىر ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، كېسەل بولۇپ قالساق كەنتتىلا دوختۇرغا كۆرۈنەلەيمىز، كۈتۈنۈشىمىزدىن غەم قىلمايمىز، تۇرالغۇلىرىمىزمۇ شەھەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، كۆپچىلىك ياخشى دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا، دېدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا يۇرتداشلارغا سالام ئېيتىپ قويۇشنى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن- كۈنگە روناق تېپىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ۋەكىل مەمەترېھىم مەمتىمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسى باش ئۈجمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇ باش شۇجىغا يۇرتىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەشنى تاپىلىدى.

  لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلارمۇ ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىكنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدىغان، تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر