باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمىلىرىم

2017.03.13 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت (شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى)
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىققاندىكى ھالەتنى ئويلىسام، مەن يەنىلا ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كېتىمەن.

  مۇشۇنداق يېقىن ئارىلىقتىن باش شۇجىنى كۆرۈش، باش شۇجى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك كەچۈرمىشىم.

  باش شۇجى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەر بىر تەرەپلىرىنى بەش قولدەك بىلىدىكەن، ئۇ يەنە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى تىلغا ئالدى، بۇلتۇر مەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشىپ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يېزىسى كاماكۆل كەنتىدە تۇردۇم، بىر يىل ۋاقىت جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ھوسۇل كۆپ بولدى.

  باش شۇجى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە بىزنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى، بۇنىڭغا مېنىڭ ئىشەنچىم كامىل.

  باش شۇجى خەلق تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن، ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭلار، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى غەم قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك ھەل قىلىپ بېرىڭلار. باش شۇجىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان ھېسىياتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  گەرچە باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە دوكلاتقا قاراپ چىققان ۋاقىت نەچچە سائەتلا بولسىمۇ، بۇ جەرياندا مەن پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئاڭلىدىم، باش شۇجىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى يۈرىكىمنىڭ قېتىدا ساقلىۋېلىشقا تىرىشتىم. مەن باش شۇجىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى شىنجاڭغا ئېلىپ قايتىمەن، بۇنى ئۆيدىكىلىرىمگە، خىزمەتداشلىرىمغا، ئوقۇغۇچىلىرىمغا سۆزلەپ بېرىمەن. مەن ئۇلارغا مۇنداق دەيمەن: شىنجاڭ گەرچە پايتەختتىن يىراق بولسىمۇ، بىراق باش شۇجىنىڭ قەلبى بىز بىلەن بىر تۇتاش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر