باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەر مىللەت ئاياللىرىنى باشلاپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

2017.03.13 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىل خاسىيەت ئەلى (ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىسى)
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىن ئورنىغا كېلىپ، بىز بىلەن بىرلىكتە دوكلاتقا قاراپ چىقىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇرىدۇ. دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن يەنە پات-پات خاتىرەمنى ۋاراقلاپ، باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە دوكلاتقا قاراپ چىققاندىكى ھەر بىر ۋاقىتنى ئەسلەيمەن، باش شۇجىنىڭ ھەم يېقىملىق، ھەم قەتئىي سۆزلىرىنى ئەسلىسەم، كۆڭلۈمدە بىر خىل ئىللىقلىق پەيدا بولىدۇ.

  باش شۇجى سۆزىدە بىزگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ۋە ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى. مەن شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىزمۇ يەردە قويمايمەن، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنى باشلاپ، ئۇلارنىڭ «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ياخشى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە ئاياللار باشقىلار ئورنىنى باسالمىغۇدەك ئەۋزەللىكگە ئىگە. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى «ئائىلە»نى ئاساس قىلىپ، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»قا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر