باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، بارلىق زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلايمىز

− گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان

2017.03.14 14:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇشنى مەسئۇلىيىتىمىز دەپ بىلىپ، خىزمەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، بارلىق زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلايمىز». مانا بۇ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن 8-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىنكى خىزمەت تەپەككۇر يولى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن خىزمەت ئەترىتى ئۈچ يىلدىن بۇيان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشان ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار ۋە ئۆزئارا ئالاقىلىشىش-ئالماشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ گۇاڭدۇڭچە خاسلىققا ئىگە «بىر باشلامچى، ئىككى قانات بىلەن تەڭ ئۇچۇش»نىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

  زېھنىنى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى چوڭ تۈرلەرگە مۇجەسسەملەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئەھۋالىغا ئاساسەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە كەسىپ رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر كونا شەھەر-گۇاڭجۇ يېڭى سودا شەھەرچىسى، پەيزاۋات سانائەت رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرتكىلىك كۈچى زور سانائەت رايونلىرىنى بەرپا قىلىپ، 124 تۈر، 45 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، تاختاي، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈردى. پاختا توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكنى باشلامچى قىلغان سوخۇ كەسىپ باغچىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تىرەك قىلغان گۇاڭجۇ يېڭى سودا شەھەرچىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى، ئېلېكتىرونلۇق ماشىنىلارنى قۇراشتۇرۇش، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، كۈندىلىك لازىمەتلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى تىرەك قىلغان پەيزاۋات سانائەت باغچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

  بىڭتۈەن سوخۇ 2 مىليون ئۇرچۇقلۇق گۇاڭدۇڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك تۈرىنى يولغا قويۇش گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىن كېيىن چىقارغان زور قارارى، شۇنداقلا بىڭتۈەننىڭ ئون چوڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈر، بىڭتۈەن پارتكومى نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان تۈر. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە، «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش، دۇنيادىكى ئىلغار توقۇمىچىلىق كەسپى بازىسى بولۇش، بىڭتۈەننى جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قەشقەرنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىچىسى ۋە سۇپىسى قىلىپ جىپسىلاشتۇرۇش، گۇاڭدۇڭنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى بەلگە تۈر قىلىش» ئۆلچىمىگە ئاساسەن، بىڭتۈەن سوخۇ 2 مىليون ئۇرچۇقلۇق گۇاڭدۇڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك تۈرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ھازىر تۇنجى قاراردا 300 مىڭ ئۇرچۇقلۇق توقۇمىچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  گۇاڭدۇڭ يېڭى شەھەرچىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار تۈرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىنىڭ ئىمارەت قۇرۇلۇش كۆلىمىنى ئالدىنقى تۈركۈمدىكى 400 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ھازىرقى 1 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتتى؛ قەشقەر خەلقئارا قاتناش تۈگۈنى مەركىزىنىڭ «تۆت بېكەتنى بىرلەشتۈرۈش» تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى تېزلەتتى. بۇنىڭ بىلەن گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىنىڭ داڭقى ۋە قاتناشتىكى قولايلىقلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، قەشقەر ئەتراپىدىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەشيا ئوبوروتى سودا مەركىزى تەدرىجىي شەكىللىنىۋاتىدۇ.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى 2015-يىلى 5-ئايدا گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: جۇڭگو-پاكىستان تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنىڭ باش بېكىتى بولغان قەشقەر يېڭىشەھەر پويىز ئىستانسىسىنى يادرو، قەشقەرنىڭ ھازىرقى كەسىپ باغچە رايونى ۋە پىلان بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا-پىششىقلاش سانائەت رايونى، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى بىلەن بىر تۇتاش بىرلەشتۈرۈپ، «سىرتتىن كىرگۈزۈش، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربتىن چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرققە چىقىرىش»نىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن سۇپىسىنى، يەنى قەشقەر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايون ۋە قەشقەر ۋىلايىتى بۇ ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، دۆلەت قاتلىمىمۇ تولۇق ئېتىراپ قىلدى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىدى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا-پىششىقلاش سانائەت رايونى (باجدىن خالىي رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈرى قەشقەر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنىڭ باشلىنىش رايونى بولۇپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدىكى ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى باغچە رايونى بەرپا قىلىش ئاساسىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ «بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. جۇجياڭ دېلتىسىدىن نۇقتىلىق كىرگۈزۈلگەن ئەمگەك كۈجۈملەشكەن كارخانا − گۇاڭدۇڭ سىسكو ئېلېكتىرو كارخانىسى قەشقەرگە ماكانلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلاشقان ھەم ناھىيە، يېزا، كەنتنىڭ «Y+X+1» شەكلىدىكى ئۈچ دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە تۆت تارماق شىركەت قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 8000 دىن ئارتۇق ئادەمنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، شۇ جايدىن قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ %98ى ئۇيغۇر بولۇپ، بۇ كارخانا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تايانچ كارخانىسى بولۇپ قالدى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يەنە جۇجياڭ دېلتىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، «سودا ئارقىلىق خېرىدار چاقىرىش» بازىسى قۇرۇشنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ھازىر پەيزاۋات ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك گۈللەنمە كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى، غەربىي رايون ئېلېكتىرونلۇق سودا، يۆفېڭ ئۆي سايمانلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈش بازىسى يېتىشىپ چىقتى، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 16 مىڭ ئىستۇدېنت تەربىيەلەندى، 155 ئىگىلىك تىكلىگۈچى كىرگۈزۈلۈپ، 2600 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 160 مىليون يۈەن مەخسۇس ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، گۇاڭجۇ، فوشەن، دۇڭگۈەن، خۇيجۇ قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلار ياردەم بېرىلىدىغان جايلار بىلەن ئەمگەك كۈچلىرىنى چىقىرىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭدىن 8000 دىن ئارتۇق ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتتى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك كۇرستىن 1200 قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلاردىن 78 مىڭ(قېتىم)نى تەربىيەلىدى؛ 943 ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقنى شىنجاڭغا پىلاندىن سىرت تاللاپ كىرگۈزۈپ، قىسقا مۇددەتلىك ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايلاردىكى 1000 دىن ئارتۇق كادىر ۋە ئىختىساسلىققا ياردەم بېرىپ، يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزا-بازار، كەنت كادىرلىرىنى «گۇاڭدۇڭغا بېرىش، ئۈچنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى 3000 كادىرنى گۇاڭدۇڭغا نۆۋەت بىلەن ئەۋەتىپ تەربىيەلەشنى پىلانلىدى.

  سەھىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، «3A دەرىجىلىك» دوختۇرخانا بەرپا قىلىش ئاساسىدا، «3A دەرىجىلىك كۈچلۈك دوختۇرخانا» بەرپا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئۇلار يولغا قويغان «ئۆمەك شەكلى»دە داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى «گۇاڭدۇڭ ئەندىزىسى»نى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم شىنجاڭ بويىچە كېڭەيتتى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۆلكىدىكى A3 دەرىجىلىك 22 دوختۇرخانىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 22 نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تېببىي پوستدوكتور خىزمەت پونكىتى قۇردى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى گۇاڭدۇڭ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ناھىيە، تۈەن-مەيدانلاردىكى يېزا-بازار دوختۇرخانىلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. گۇاڭجۇ، فوشەن، دۇڭگۈەن، جۇڭشەن، جۇخەي، جياڭمېن، جاۋچىڭ، خۇيجۇ قاتارلىق شەھەرلەر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا-بازار شىپاخانىلىرى ۋە 3-شىنىڭ نۇقتىلىق تۈەن-مەيدان دوختۇرخانىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، رايون مەركىزى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان، شەھەر، ناھىيە، يېزا-بازارلاردىكى ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئۆزئارا بىر-بىرىگە ياخشى تۈرتكە بولىدىغان دوختۇرخانا بىرلەشمە گەۋدە تورىنى بەرپا قىلدى.

  ئاساسىي مائارىپتىن ئالىي مائارىپقىچە «تولۇق بىرلەشتۈرۈپ يۆلەش» شەكلىدىكى مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. «يۇمشاق» ماتېرىيال بىلەن «قاتتىق» ماتېرىيالنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ياخشىلىدى. 368 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېڭىدىن سەككىز مەكتەپ سالدى، 46 مەكتەپنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى. ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قوش تىل تايانچ ئوقۇتقۇچىسىدىن 5800 (قېتىم)نى تەربىيەلىدى، 80 تايانچ ئوقۇتقۇچى، 197 ئۇنىۋېرسال ئوقۇتقۇچىنى پىلان ئىچىدە تاللاپ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى.

  مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. 193 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىشلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى، ساقچىلار ئىشلىتىدىغان جابدۇقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن 16 ج خ ئالاھىدە ساقچىسىنى قەشقەرگە ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئەۋەتتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ج خ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىدىن 215 تايانچ خادىمنى گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە تەشكىللىدى. ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى 250 دىنىي زاتنى گۇاڭدۇڭدا تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخسلەر، كەنت كادىرلىرى، ئايال كادىرلاردىن 5000 ئادەم(قېتىم)نى تەربىيەلىدى.

  پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ھەمكارلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئۈچ يىلدا ئۆلكە دەرىجىلىك 123 پەن تەتقىقات تۈرى تۇرغۇزۇلۇپ، پەن-تېخنىكىغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 13 مىليون 600 مىڭ يۈەن قولغا كەلتۈرۈلدى، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر تۈرلەر شۇ جاينىڭ بىر نەچچە كەسپىي تېخنىكا تەتقىقات ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، بەزى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى كېڭەيتىلدى ۋە يولغا قويۇلدى.

  مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتى. «بەش بىر قۇرۇلۇشى» بويىچە مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، يەنى چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم «يىپەك يولى: قۇم ۋە دېڭىز مېلودىيەسى»نى سۈرەتكە ئالدى، گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ جاسارىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «تۈمەن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدا» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنى نەشر قىلدى، ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات ئورگىنى بولغان جەنۇب گېزىتچىلىك تاراتقۇ گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش»، «مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان شىنجاڭ» قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئاساسىي تېما قىلىنغان چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات خەۋىرىنى بەردى، شۇ يەردىكى ئاممىغا يۈزلەنگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تېما قىلىنغان «ياقا يۇرتلۇق كېلىن ۋە يەرلىك يىگىت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىدى، يىلدا بىر قېتىم مەدەنىيەت پىدائىيلىرىنىڭ چېگرا رايون سەپىرى − «باھار يامغۇرى قۇرۇلۇشى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «جەنۇبىي ۋۇلىڭ تېغى مەدەنىيىتى»نى شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا يەتكۈزدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان مەدەنىيەت سودىسىنى تۈگۈن قىلىپ، گۇاڭدۇڭ-شىنجاڭنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچەپ، پۇقرالارنى نەپكە ئېرىشتۈردى

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلنى مايىل قىلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى باشتىن-ئاخىر خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا تەسىر كۆرسىتىشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن 4 مىليارد 410 مىليون يۈەن مەبلەغنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭدىن %87ى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، قوش تىل مائارىپى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، نامراتلارنى يۆلەش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ۋە سۇ، توك، يول، پار قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تۈرىگە ئىشلىتىلدى. 85 مىڭ 300 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىپ، 50 كىلومېتىردىن ئارتۇق يېڭى يول، 28 كىلومېتىر تۇرۇبا تورى ياساپ، كەنت (مەھەللە) دەرىجىلىك مۇلازىمەت مەركىزىدىن 290 نى قۇرۇپ، 13 مەكتەپنىڭ مەكتەپ ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ سېلىپ، يەتتە تەربىيەلەش مەركىزى، ناھىيە دەرىجىلىك ئىككى دوختۇرخانا ۋە بازار دەرىجىلىك بەش دوختۇرخانا، ئىككى كۇتۇپخانا ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن سېلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بىڭتۈەن 3-شىسىگە ياردەملىشىپ تۇمشۇق شەھىرىنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ بەش يىللىق پىلان ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، تۇمشۇق شەھىرى ۋە ئون دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۈەن-مەيدانىنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى 2010-يىلىدىكى %37تىن 2015-يىلى %60كە يەتكۈزۈپ، بىڭتۈەن 3-شىسىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىچىدىكى شەھەر-بازارلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ئەڭ تېز، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان شىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچىگەچكە، ئاممىنىڭ خىزمەت قىلىش پۇرسىتى كۆپەيدى، تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات غەينۇلاسى بازىسىنى نۇقتىلىق قۇرۇپ، پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ كۆلىمىنى 41 مىڭ 400 مو، پەيزاۋات غەينۇلاسىنىڭ كۆلىمىنى 20 مىڭ مو كۆپەيتىپ، 4000 دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. پەيزاۋات ناھىيەسى ۋە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كەسىپ باغچە رايونىنى نۇقتىلىق قۇرۇپ، باقمىچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈشنى ئومۇملاشتۇردى، يېڭىدىن 60 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن كۆپرەك ئۆلچەملەشكەن ئېغىل-قوتان سېلىشنى قوللىدى، بۇنىڭدىن 15 مىڭ دېھقان ئائىلىسى نەپ ئالدى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ كۆكتات بازىسىنى نۇقتىلىق قۇرۇپ، يېڭىدىن 700 پارنىك ياساپ، 1000 دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. «بىر يېزىدا بىر مەھسۇلات بولۇش» تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يۇلغۇندا ھەرخىل بۇيۇملارنى توقۇش، گىلەم توقۇش، كەشتىچىلىك، كاۋاپچىلىق قاتارلىق مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى ۋە سەھرا ئارامگاھى قاتارلىق يېزا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز ئۆيىدىلا ئىشلەپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يۇقىرىقى تەدبىرلەر ئارقىلىق 40 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە، 60 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىشى بېشى كىرىمى 1000 يۈەن ئەتراپىدا ئېشىپ، «ئىككى ناھىيە، بىر شى»دىكى نامراتلار 2014-يىلىنىڭ بېشىدىكى 280 مىڭدىن ھازىرقى 170 مىڭغا ئازىيىپ، %2.39 تۆۋەنلىدى. (گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر