باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا سەپتىن ھەرگىز چۈشۈپ قالمايمىز»

— شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنىدىن خاتىرە

2017.03.13 15:54   مەنبە: خەلق تورى

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا سەپتىن ھەرگىز چۈشۈپ قالمايمىز»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 12-مارت شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنىدە: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىش جەريانىدا، بىز تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمىزكى، شىنجاڭ ھەرگىز سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ، ھەرگىزمۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئارقىسىدا قالمايدۇ»، دېدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، 100گە يېقىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئىككى كۈن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۆھرەت زاكىر: «باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى، بىز چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق، چەكسىز روھلاندۇق. بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىشكە بولغان ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى»، دېدى.

  شۆھرەت زاكىر: شىنجاڭ باشتىن- ئاخىر خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتتى. «بۇلتۇر، مالىيە ئىنتايىن قىس ئەھۋالدىمۇ، مالىيەنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئاجرىتىلغان چىقىمى %74.7نى ئىگىلىدى، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى»، دېدى.

  شۆھرەت زاكىر مىسال كەلتۈرۈپ: «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئۈچ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ھەقسىز مائارىپى ئاساسىدا، بۇلتۇر يەنە ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى يولغا قويۇلۇپ، ھەقسىز مائارىپ 15 يىلغا يەتكۈزۈلدى. بۇلتۇر شىنجاڭدىكى بارلىق شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىگە قارىتا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەربىر ئاھالىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىللەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇنىنىڭ تېزدىن تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى توغرىسىدا …
    ·مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك 
    ·ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «شىنجاڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم سىنىپى» تەسىس قىلىش تەكلىپىنى سۇ…
    ·لى پېڭشىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشق…
    ·مالىيە مىنىستىرلىقى: شەھەرلەردىكى ئىشلەمچىلەر بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتى «ئا…
    ·جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى «خەتتاتلىق سىنىپى» پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كوللېكتىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ياكى «دەرس تولۇقلا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مائارىپنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى جۇڭخۇانىڭ ئېسىل…
    ·1 مىليون 290 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
    ·ئېلىمىز دۇنيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدى…