باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى لېڭ جىيىڭ: قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى مەنبەدىن توسۇش كېرەك، دېدى

2017.03.14 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-مارت، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى مەزگىلىدە، خېبېي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» ۋە «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»غا قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خېبېي ئۆلكىسى گۇاڭپىڭ ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى لېڭ جىيىڭ «ئىككى مەھكىمە»نىڭ دوكلاتىدا قاراپ چىققاندا مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر بىر بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپلەردىكى بوزەك قىلىش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلاندى ھەم زوراۋانلىق قىلمىشلىرى پەيدىنپەي ياشلىشىش، ئاياللىشىش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا يۈزلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  تەپتىش مەھكىمىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار، نۇرغۇن مىسال ۋە ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى كۆپىنچە ھالدا ئۇلارنىڭ قانۇننى بىلىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى، قانۇن ئېڭى ۋە قانۇنچىلىق قارىشىنىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان.

  لېڭ جىيىڭ: تەپتىش مەھكىمىسى ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ جانلىق ۋە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى مەنبەدىن توسۇشى كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر