باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زىددىيەت ئۆتكۈرلەشتى

گوللاندىيە تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنى قوغلاپ چىقاردى

2017.03.13 15:56   مەنبە: خەلق تورى

گوللاندىيە تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنى قوغلاپ چىقاردى

  3-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى گوللاندىيە كونسۇلخانىسى سىرتىدا، تۈركىيە خەلقى نامايىش ئۆتكۈزدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئىچكى كابېنت ئەمەلدارلىرى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشقا بېلەت توپلاش ئۈچۈن، كۆپ يولغا بۆلۈنۈپ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ نۇتۇق سۆزلىگەندە، بىر قانچە قېتىم قارشىلىققا دۇچ كەلدى. 11-مارت، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ گوللاندىيەدە قونۇشى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە بىر مىنىستىر گېرمانىيەدىن ئاپتوموبىل بىلەن گوللاندىيە چېگراسىغا كىرگەندە توسۇۋېلىنىپ، 12- مارت گېرمانىيە چېگراسىغا ئاپىرىپ قويۇلدى.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشتىن كېيىن، تۈركىيە تەرەپ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، گوللاندىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى ۋاقتىنچە قامال قىلغان.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تەيىپ ئەردوغان بىر مەيدان نۇتۇق سۆزلىگەندە، گوللاندىيەنى «ناتسىستلارنىڭ قالدۇق شايكىلىرى»، «فاشىستلار» دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇنىڭدىن كېيىن، ئايروپىلانىڭلارنىڭ تۈركىيەگە قانداق قونىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىللەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇنىنىڭ تېزدىن تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى توغرىسىدا …
    ·مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك 
    ·ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «شىنجاڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم سىنىپى» تەسىس قىلىش تەكلىپىنى سۇ…
    ·لى پېڭشىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشق…
    ·مالىيە مىنىستىرلىقى: شەھەرلەردىكى ئىشلەمچىلەر بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتى «ئا…
    ·جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى «خەتتاتلىق سىنىپى» پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كوللېكتىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ياكى «دەرس تولۇقلا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مائارىپنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى جۇڭخۇانىڭ ئېسىل…
    ·1 مىليون 290 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
    ·ئېلىمىز دۇنيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدى…