- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
2017.03.13 15:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 20-يىغىنىنىڭ 1-، 2-ئومۇمىي يىغىنى 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن ۋە 12-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
12-مارت چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان 2-ئومۇمىي يىغىندا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلەرنى تولۇقلاپ سايلاش چارىسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىغا تولۇقلاپ سايلىنىدىغان مۇئاۋىن رەئىس نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (دەسلەپكى لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (دەسلەپكى لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى(دەسلەپكى لايىھە) ماقۇللاندى. يىغىندا تولۇقلاپ سايلىنىدىغان مۇئاۋىن رەئىس نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
2-ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، يۈ جېڭشېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 57-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تۈرلۈك دوكلات ۋە قارارلار(دەسلەپكى لايىھە)غا قاراپ چىقىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر