باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 –نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنى يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2017.03.14 15:29   مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 –نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنى يېپىلدى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىق ۋە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۇن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يېپىلىش يىغىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى. يۈ جېڭشېڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزانىڭ 2203 كىشى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى يىغىنغا 2101 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. يىغىندا ئەزالار ئاۋاز بېرىش ئۈسكۈنىسى بىلەن ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق لياڭ جېنيىڭنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كۆپەيتىپ سايلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، يۈ جېڭشېڭ لياڭ جېنيىڭنى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: يىغىن مەزگىلىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى ساھەدىكى گۇرۇپپىلارغا بېرىپ پىكىر – تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ھەم ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەردىن روھلىنىپ ۋە ئىلھام ئېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى. ئەزالار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق مەركىزىي خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، ‹‹3 – سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى››دىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، پۇختا كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پائال پىكىر بايان قىلىپ، ئەقىل – چارە كۆرسىتىپ، مۇھىم پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىمقى يىغىن تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تىرىشىپ نەتىجە يارىتىدىغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مائار…
    ·ۋەكىللەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇنىنىڭ تېزدىن تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى توغرىسىدا …
    ·مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك 
    ·ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «شىنجاڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم سىنىپى» تەسىس قىلىش تەكلىپىنى سۇ…
    ·لى پېڭشىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشق…
    ·مالىيە مىنىستىرلىقى: شەھەرلەردىكى ئىشلەمچىلەر بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتى «ئا…
    ·جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى «خەتتاتلىق سىنىپى» پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كوللېكتىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ياكى «دەرس تولۇقلا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مائارىپنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى جۇڭخۇانىڭ ئېسىل…
    ·1 مىليون 290 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى