باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2017.03.13 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، جاڭ دېجياڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇنىنى تۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇھىم قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى، بارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىنى تۈزۈش ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر روھى ئىپادىلەنگەن ھەق تەلەپ قانۇنى تۈزۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك، قانۇن چىقىرىشتا چوقۇم باشتىن ئاخىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىدا، دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. قانۇن چىقىرىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئىسلاھاتنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەل قانۇن قېلىپى سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ليۇ يۈنشەن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىغا تامامەن قوشۇلىمەن، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسى تېمىنى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسى لىنىيەنى ياخشى كۈتۈۋېلىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت باش رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك ئىجابىي كۈچلەرنى توپلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى نەزەرىيەسى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر