باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ۋۇ جېڭشيەن: ئائىلە تەربىيەسى دەرسى ئالىي مەكتەپ زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلسە

2017.03.14 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1-ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «تۆتتە يول باشلىغۇچى بولۇش»ىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى يولداشلارغا يېڭىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە موھتاجلىقتا جانغا ئەسقاتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تىرىشىپ مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر بىر بالىنى سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.

  مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتى مەكتەپنىڭ «قاتتىق دېتال» شارائىتىنى ياخشىلاشلا بولماستىن، يەنە «يۇمشاق دېتال» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىمۇ كۆرسىتىدۇ، ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان بالىلارنىڭ قايتىدىن ئىلگىرىلىشىگە ئامال قىلىپ ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. مەن ئاساسىي مائارىپ مۇلازىمىتى خىزمىتى قىلىدىغان ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىمى، دائىم ئەترەتتىكىلەرنى باشلاپ بېيجىڭنىڭ چەت، تاغلىق رايونلىرىغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىمەن، ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەترىتىمىز يەنە گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى يولداشلار بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىگە ئۇدا ئۈچ يىل مائارىپ ياردىمى بېرىش پىلانى تۈزدى.

  بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئائىلە تەربىيەسى دەرسىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش تەكلىپى بەردىم. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى. ئۇنداقتا ئائىلە قۇرۇشتىن بۇرۇن، ياشلىرىمىزنىڭ تەييارلىقى پۈتتىمۇ؟ قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولغىلى بولىدۇ؟ ياشلارغا ئائىلە قۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تەربىيە بېرىش زۆرۈر دەپ ئويلايمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر