باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئامما كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى

2017.03.13 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بەشىنچى يىغىنى مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى، دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ماۋ كارخانىلارنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسى مەسىلىسىگە جاۋاب قايتۇردى ھەمدە سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جاڭ ماۋ مۇنداق دېدى: سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئاساسلىقى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىنىدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ كىنىشكىلارنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى، كارخانىلارنى تىزىملاش ئومۇمىي مۇساپىسىنى تورلاشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى ئىشلىتىش، ئىشنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشىمىز.

  ساختا، ناچار مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مەسىلە، جاڭ ماۋ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئىدارىمىز قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىناۋەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جازا سالمىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە تىرىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر