خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىسى تېتىر كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 60 ياشلىق مەمەت ئەخمەت كىچىكىدىنلا تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، 30 يىلدىن بۇيان تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى تاشلاپ قويغاندى. بۇ يىل 2-ئاينىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايون يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقارغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن دىلى سۈيۈنگە مەمەت ئەخمەت يېزا بازىرىدىن بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ ئۇن، گۈرۈچ، ياغ سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، قوشۇمچە تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئايلىق ساپ كىرىمىنى 3000 يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن تولىمۇ خۇش بولدى .
سۈرەتتە: مەمەت ئەخمەت تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى