خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەركىن سىدىق خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەلا سورتلۇق مېۋىلىك كۆچەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ كىرىمىنى ئاشۇردى. ئەتىياز پەسىللىك كۈچەت تىكىش مەۋسۇمى كىرگەندىن بۇيان، بازارلاردا كۈچەت سودىسى ئىنتايىن قىزىپ كەتتى.
سۈرەتتە: 12-مارت، ئونسۇ ناھىيەسى بازىرىدا دېھقانلار ئەلا سورتلۇق مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى