باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نارات باھار سەيلىسى كېلەر ئايدا يەتتە خىل ئادەم توپىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

2017.03.13 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر يىلى 4- ئايدا، نارات يايلىقى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان پەسىلنى كۈتىۋالىدۇ. 10- مارت كۈنەس ناھىيىسىدە نارات مەنزىرە رايونى ئەتىياز پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. نارات ساياھەت ۋە سېتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يۈشياۋ مۇنداق دېدى: 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، نارات ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت مەزگىلى باشلىنىدۇ، شۇ ۋاقتىدا، 2017- يىللىق نارات مەنزىرە رايونى ساياھەت پەسلىمۇ باشلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى 75 يۈەن/ئادەم (قېتىم) بولۇپ، كېنىشكىسى بار ساياھەت يېتەكچىسى، ساياھەت كوپىراتىپى شوپۇرى، ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى، مۇخبىر، كېنىشكىسى بار فوتوگراف، يازغۇچى، خەتتات قاتارلىق يەتتە خىل كىشىلەر توپىغا، نارات مەنزىرە رايونى ھەقسىز ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ناراتتا ئۆرۈكلەر ھۆپپىدە چېچەكلەيدىكەن، ساياھەتچىلەر مۇبادا بۇ ۋاقىتتا نارات ئۆرۈك جىلغىسىغا كەلسە، خۇش پۇرىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان ئۆرۈك چېچەكلىرىنى كۆرەلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر