باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 2022ـ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن قار-مۇز تەنھەرىكىتى ماھىرى تاللىنىدۇ

2017.03.13 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېيىنكى بىر ئايدا، شىنجاڭ نۇقتىلىق ھالدا 2022ـ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت قار-مۇز تەنھەرىكىتى ماھىرلىرىنى تاللايدۇ.

  11- مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2022ـ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن قار-مۇز تەنھەرىكىتى ماھىرى تاللاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نيې چۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تاللاش خىزمىتى ئاپتونوم رايون بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ، خىزمەت كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ، چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، تەلەپ قاتتىق، ۋاقىت قىس بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قار-مۇز تەنھەرىكىتى ماھىرلىرىغا بولغان بىر قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈپ، چوڭ تاللاش ھېساپلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ماھىر تاللاش تۈرى قار-مۇز تۈرى ئۈچۈن بولۇپ، قار ئۈستى تۈرى ئاساسلىقى دالىدا قار تېيىلىش، ئەركىن چاڭغا تېيىلىش، تاغدا چاڭغا تېيىلىش، سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش، يەككە قار تاختىسىدا قار تېيىلىش، چانا، پولات جازا قار ماشىنىسى قاتارلىقلارنى، مۇز ئۈستى تۈرى ئاساسلىقى مۇز توپ، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  نيې چۈن ماھىر تاللاش خىزمىتى ھەققىدە ھەر دەرىجىلىك تەنتەربىيە تارماقلىرىغا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالدى بىلەن بىر خىل شەكىل بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق، كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، چەكلىمە، كەسىپ، پەسىل ھالقىپ ماھىرلارنى تاللاش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت قار-مۇز تەنھەرىكىتى مۇنەۋۋەر ماھىرلىرىنى تاللاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك؛ بۇنىڭدىن سىرت، ماھىر تاللاش خىزمىتىدە باشتىن-ئاخىر ئادىل، ھەققانىي، پاك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر