خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى چىلانباغ كەنت 1-گۇرۇپپا ئەزاسى ئابلاجان ئابلىمىت يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 200 يۈەندىن جەمئىي 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدە قىشلىق كىيىم-كېچەك قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يېزا ۋە مەركىزىي مەكتەپ مەسئۇللىرى ئابلاجانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئابلاجان ئابلىمىت يېزىمىزدىن چىققان بىردىن بىر ساخاۋەتچى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان مەكتىپىمىزدىكى ۋە قوشنا يېزىلاردىكى ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە، ئىگە-چاقىسىز بوۋاي-مومايلارغا ئۆزىنىڭ ساخاۋىتىنى ئايىماي ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. بىز ساخاۋەتچى ئابلاجاننىڭ باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئالىيجاناب ئېسىل پەزىلىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز.
ساخاۋەتچى ئابلاجان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى، مەن ھالال ئەمگىكىم بىلەن بېيىپ، تىرىشىپ پۇل تېپىپ، دىيارىمىزدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇيالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغا قەدەر توختىتىپ قويماي ياردەم قىلىمەن.
پائالىيەت داۋامىدا، يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ مەسئۇللىرى ساخاۋەتچى ئابلاجان ئابلىمىتقا لەۋھە تەقدىم قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئابلاجان 2013-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئىزچىل مائارىپنى قوللاپ كېلىۋاتقان ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسى ۋە قوشنا يېزىلاردىكى ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم قىلغان ئومۇمىي سوممىسى 65 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.
سۈرەتتە: ساخاۋەتچى ئابلاجان ئابلىمىت يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق كىيىم-كېچەك تارقاتماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى