خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر «ئەلئېھرام گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 13-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر باش تەپتىشى شۇ كۈنى سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنى قۇيۇپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
2- مارت، مىسىرنىڭ نارازىلىق ئەرز ئالىي سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنى نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن، دەپ گۇمان قىلىنغان دېلوسى ئۈستىدىن ئاخىرقى سوتتا قاراپ چىقتى.
يەتتە سائەت سوت ئېچىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن، سودىيە ئەڭ ئاخىرىدا مۇبارەكنى گۇناھسىز، دەپ جاكارلىدى. بىراق «ئەلئېھرام گېزىتى» تور بېكىتى مۇبارەكنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مۇبارەك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يەنىلا چېگرادىن چىقىشى چەكلەندى، شەخسىي مۈلۈكى نۆۋەتتە يەنىلا توڭلىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى