باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنى 3–ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2017.03.13 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2924 كىشى، قاتناشقىنى 2829 بولۇپ، قاتنىشالمىغىنى 95 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2016-يىلى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئەھۋالىنى بەش جەھەتتىن دوكلات قىلدى: بىرىنچى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق؛ تۆتىنچى، خەلق سوت مەھكىمىسىنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنى قۇردۇق؛ بەشىنچى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ مەملىكىتىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ 2016-يىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تۆۋەندىكى سەككىز جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، تىنچ جۇڭگو قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، ئەيىبلەش فۇنكسىيەمىزنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزدۇق؛ ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئومۇمىيەتكە تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇمىيەتكە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، چىرىكلىشىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلەرنى قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «چوڭىغىمۇ، كىچىكىگىمۇ تېگىش»، «تۈلكە ئوۋلاش»نى تەڭ تۇتتۇق؛ تۆتىنچى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى، مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇردۇق؛ بەشىنچى، خەلق ئەدلىيەسى خەلق ئۈچۈن، دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق؛ ئالتىنچى، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، مىخلىق روھى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتۇق؛ يەتتىنچى، پولاتتەك ئىرادە بىلەن قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، پاك، دۇرۇس تەپتىش قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقتۇق؛ سەككىزىنچى، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئاشكارا يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تەپتىشلىك ھوقۇقىنى خەلقنىڭ نازارەت قىلىشىدا چىڭ تۇردۇق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر